ئانىلار ساقلىقى بوۋاقلار ساقلىقى بوۋاقلار دۇنياسى ئانا-بالىلار بويۇملىرى ھامىلىدارلار قوللانمىسى
باش بەت

تويدىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتقىچە ھامىلىدار بولمىسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | يوللانغان ۋاقتى: 10:36 25-11-2011 | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 0 پارچە
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەر-ئاياللار نورمال جىنسىي تۇرمۇشتا، ھامىلدارلىقتىن ساقلانمىغاندا ھەر ئايدا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %20~%25 بولىدىكەن. ئادەتتە %60 تىن يۇقىرى ئەر-ئاياللار يېڭى توي قىلىپ 3 ئاي ئىچىدە ھامىلىدار بولىدىكەن،  %95 ئەر-ئاياللار توي قىلىپ 1 يىل ئىچىدە ھامىلىدار بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم ھامىلىدار بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئاسان ھامىلىدار بولىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىغانلىقتىن بولغان. شۇڭا ئەگەر ئودا 3 ئاي قەرەللىك ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ يەنىلا ھامىلىدار بولمىسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار تويدىن كېيىن 2 يىل ئەر-ئاياللار بىرگە تۇرۇپمۇ ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمايمۇ  يەنىلا ھامىلىدار بولمىسا بۇنداقلار تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەزەلدىن ھامىلىدار بولۇپ باقمىغانلار ئەسلىدىنلا ھامىلىدار بولماسلىق دەپ قارىلىدۇ. 1 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم تۇغقان ياكى بالا چۈشۈرۈپ باققانلار ئىككىلەمچى ھامىلىدار بولماسلىق دەپ قارىلىدۇ. ياشنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىرى بار بولۇپ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار 25 ياشتىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. 30 ياشتىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارى شىددەت بىلەن چۈشىدىكەن. دۆلىتىمىز كېچىكىپ توي قىلىش كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولغاچقا، تۇغماسلىقتىن گۇمانلانغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنراق دۇختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك.


------分隔线----------------------------
ئېلان كۆزنىكى
ئاۋات ماقالىلەر