بىرىنچى، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى
بالىياتقۇنىڭ تارىيىش كۈچى ئاجىز بولسا، ھامىلىنىڭ ئورۇنلىشىشى توغرا بولماي، ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ 27-24 ياش ۋاقىتلىرى ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى 30 ياشتىن ھالقىپ كەتمىگەن، بولۇپمۇ 35 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش كېرەك. چۈنكى، ياش چوڭلاپ كەتكەندە، تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە غەيرىي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ-دە، ھامىلە غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئېشىپ، سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز.

ئىككىنچى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسىلى
4 پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى، قورساق كۆتۈرۈشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك پەسىلنى تاللاش ئانىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئاۋۋال ھامىلىدار بولۇش پەسىلىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تاللاش كېرەك. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ھامىلىدار بولۇش ئارزۇسىدىكى دوستلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالتۇن پەسىلى باھارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە كۈز پەسىلىنىڭ باشلىرىدۇر. يەنى، يىلنىڭ 4-3 ئايلىرى ۋە 10-9 ئايلار ھامىلىدار بولۇشقا ئەڭ باب كېلىدۇ.
