ئانىلار ساقلىقى بوۋاقلار ساقلىقى بوۋاقلار دۇنياسى ئانا-بالىلار بويۇملىرى ھامىلىدارلار قوللانمىسى
باش بەت

ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالتۇن پەسىلى قاچان؟(3)

مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | يوللانغان ۋاقتى: 16:25 31-10-2011 | كۆرۈلۈشى: قېتىم | ئىنكاس: 0 پارچە
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01
  
كۈز پەسىلىنىڭ باش ئايلىرى، يەنى 10-9 ئايلارمۇ ھامىلىدار بولۇشقا بىرقەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇ چاغلارمۇ ھاۋا كېلىمات مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، تۈرلۈك سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر، ھەرخىل ئوزۇقلۇق تۈرلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالتۇن پەسىلدۇر. بۇ مەزگىل ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق. بۇندىن باشقا، بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا، بالىنىڭ تۇغۇلۇش مۆلچەر ۋاقتى كېلەر يىلنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئاخىرى ياكى ياز پەسلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغلارمۇ ئوخشاشلا ئەمدىلا كۆزى يورىغان ئانىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە، سۈت چىقىشىغا، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى پەرۋىشلەشكە ناھايىتى باب  كېلىدۇ. يېتەرلىك كۈن نۇرى بوۋاقنىڭ سۆڭەڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، راخىت كېسىلى (佝偻病) بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتىگە توغرا كەلگەن شۇ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 5 كۈن ئىچىدە، ئەر-خوتۇنلار بىرگە بولغاندا، ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇش نسىبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل تۇخۇم ئاجرالغان كۈنى بولىدىكەن.

ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال (5-3 كۈن بۇرۇن) ئەر-خوتۇنلار بىر مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي، ھەر ئىككى تەرەپ ئەڭ ياخشى بىرگە بولۇش كەيىپىياتى ۋە قۇۋۋىتىنى ھازىرلىشى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنىڭ بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولۇشى ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى زىيادە قىسقا، مەنىي سۇيۇقلۇقى سۇيۇق، تەركىبىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئۇرۇق ئاز بولسىمۇ ئوخشاشلا ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز. ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن جەزمەن جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا جىنسىي يۇقىرى پەللە (性高潮) گە يېتىشى زۆرۈر ئەمەس. ئەمما، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىش ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدىكى بالىياتقۇنىڭ ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەپ، مەنپىي بېسىم ھاسىل قىلىپ كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، بۇ ئۇرۇقنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كىرىشىكە پايدىلىق.

------分隔线----------------------------
ئېلان كۆزنىكى
ئاۋات ماقالىلەر