تۇغۇت ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىق ساقلاش دېگىنىمىز ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ تاكى تۇغۇتنىڭ 42- كۈنىگىچە، ھامىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ھامىلە، بوۋاقلارنى سېستىمىلىق تەكشۈرۈش، كۈزىتىش ۋە ساغلاملىققا يېتەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر ئايال ھامىلىدار بولۇپ، تاكى 40 ھەپتىدىن كېيىنكى بوۋاق تۇغۇلۇش جەريانىدا، ھامىلىدار ئايال، ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ قايسىسى بولمىسۇن، مەلۇم زىيانلىق ئامىللارغا ئۇچراپ، ھامىلىدار تۇغۇتلۇق ئاياللار ياكى ھامىلىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، مەسلەن: بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدار تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ھامىلە بوۋاق ئۆلۈپ قالىدۇ. تۇغۇت ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىق ساقلاشنىڭ رولى بولسا-بۇ خىل زىيانلىق ئامىللارنىڭ ئانا- بالىغا بولغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئازلىتىش، ھەتتا يوقىتىش ئارقىلىق، ھامىلىدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار، ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئانا- بالىلار ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك مەقسەتكە يېتىشتىن ئىبارەت.
تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ساقلىق ساقلاش(产前保健)- تۇغۇتتىن ئىلگىرى ھامىلىدار ئاياللارنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە دورا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، بىنورمال ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىش، ھامىلىنىڭ بالاياتقۇ ئىچىدىكى ئەھۋالىنى كۈزىتىش، ھامىلىدار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئاخىرىدا بىخەتەر يەڭگىشتىن ئىبارەت جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ساقلىق ساقلاش ئېنقلىمىسى: ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ تاكى يەڭگىشنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتقىچە، ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ۋە ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش بولۇپ، بۇ ھامىلىدارىقتىن ئاۋۋالقى تەكشۈرۈش، ھامىلىدارىققا ۋاقىتدا دىئاگىنوز قويۇش، دەسلەپكى تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەرەللىك تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەڭگىش ئەتراپى مەزگىلى(围产期) دېگىنىمىز تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى، تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر بۆلەك مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ؛ تۇغۇش ئەتراپى مەزگىلى(围生期): ھامىلىدارلىقنىڭ 28- ھەپتىسىدىن (ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى ≥ 1000g، بوي ئىگىزلىكى ≥ 35cm) يەڭگىپ 1 ھەپتە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. كلىنىكىدا تۇغۇش ئەتراپى مەزگىلىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى تۇغۇت بۆلۈمى ۋە بالىلار بۆلۈمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ساقلىق ساقلاش تۇغۇش ئەتراپى مەزگىلىدىكى ساقلىق ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
